پاي چېكى، شىركەت، كارخان زايومىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارقىتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇنسىز ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە، چەك - ھۆججەت قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، پاي چېكى ياكى شىركەت، كارخانا زايومىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارقاتقان، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پاي چېكى، زايومىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، پاي چېكى ياكى شىركەت، كارخانا زايومىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخسلەر ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
179 - ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ پاي چېكى ياكى شىركەت، كارخان زايومىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارقاتقانلاردىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قانۇنسىز توپلىغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ %1 ىدىن يۇقىرى، %5 ىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، پاي چېكى ياكى شىركەت، كارخانا زايومىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تارقاتقانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) تارقاتقان سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار؛
2) پۇلنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىگەن ياكى قايتۇرالمىغانلار؛
3) يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.