UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلىقچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىتىش جىنايىتى

مەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلىقچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلىقچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ جاسۇسلۇق سايمانلارنى مەخسۇس ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە مەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلىقچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبېيكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 284 - ماددا مەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلىقچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى (1993 - يىل 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى) 21 - ماددا ھەرقانداق شەخسنىڭ ۋە تەشكىلاتنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، ئوغرىلىقچە رەسىم تارتىش قاتارلىق مەخسۇس جاسۇسلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنى ساقلىشىغا، ئىشلتىشىگە بولمايدۇ. 29 - ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلىغان ھەمدە مەخسۇس جاسۇسلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنى ساقلىغان، ئىشلەتكەن بولسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە يېنىنى، نەرسە - كېرەكلىرىنى، ئۆيىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا جايلارنى ئاختۇرسا بولىدۇ؛ دۆلەت مەخپىيىتىگە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇملىرى ھەمدە قانۇنسىز ساقلىغان، ئىشلەتكەن مەخسۇس جاسۇسلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. دۆلەت مەخپىيىتىگە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
مەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلىقچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki