توپلىشىپ تاياق - توقماق كۆتۈرۈپ تۈرمىدىكىلەرنى بۇلاش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - تۈرمە سىرتىدىكى كۆپلىگەن ئادەمنىڭ زورلۇق ۋاسىتىسى ئىشلىتىپ تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنى بۇلاپ كېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ نورمال تەرتىپى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تۈرمە سىرتىدىكى ئادەملەرنىڭ توپلىشىپ تاياق - توقماق كۆتۈرۈپ تۈرمىدىكىلەرنى بۇلاپ كېتىش قىلمىشى ئېلىپ بارغان بولىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تۈرمە سىرتىدىكى ئادەملەرنىڭ توپلىشىپ تاياق - توقماق كۆتۈرۈپ تۈرمە بولىغانلاردىن باش ئۇنسۇرلار، ئاكتىپ قاتناشقۇچىلار ۋە ئادەتتىكى قاتناشقۇچىلار) بولىدۇ.
4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
317 - ماددا 2 - تارماق توپىلاڭ كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچقان ياكى تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنى توپلىشىپ، تاياق - توقماق كۆتۈرۈپ بۇلىغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.