قىممەتلىك مېتال ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - تاموژنىغا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا قىممەتلىك مېتاللارنى چېگرادىن ئېلىپ كىرگەن، ئېلىپ چىققان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تاموژنىغا ۋە پۇل مۇئامىلىگە ئائىت قانۇن - نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان ئالتۇن - كۈمۈش ياكى باشقا قىممەتلىك مېتاللارنى چېگرادىن ئېلىپ چىققان، ئېلىپ كىرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
151 - ماددا 2 - تارماق، 4 - تارماق، 5 - تارماق دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا قىممەتلىك مېتال ياكى دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان ئەتىۋارلىق ھايۋان ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
1 -، 2 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئونىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ ماددىنىڭ تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
155 - ماددا، 156 - ماددا ۋە 157 - ماددا 2 - تارماق قاتارلىق ماددىلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 78 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.