UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتجاسۇسلۇق ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى

جاسۇسلۇق ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - مەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلىقچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابى قاتارلىق جاسۇسلۇق ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جاسۇسلۇقتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان سايمانلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى مەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلىقچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابى قاتارلىق جاسۇسلۇق ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 283 - ماددا مەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلىقچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابى قاتارلىق جاسۇسلۇق ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى (1993 - يىل 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى) 21 - ماددا ھەرقانداق شەخسنىڭ ۋە تەشكىلاتنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئوغرىلىقچە ئاڭلاش، ئوغرىلىقچە رەسىم تارتىش قاتارلىق مەخسۇس جاسۇسلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنى ساقلىشىغا، ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ. 29 - ماددا دۆلەت مەخپىيىتىگە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلىغان ھەمدە مەخسۇس جاسۇسلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنى ساقلىغان، ئىشلەتكەن بولسا، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن بويىچە يېنىنى، نەرسە - كېرەكلىرىنى، ئۆيىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا جايلرنى ئاختۇرسا بولىدۇ؛ دۆلەت مەخپىيىتىگە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇملىرى ھەمدە قانۇنسىز ساقلىغان، ئىشلەتكەن مەخسۇس جاسۇسلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. دۆلەت مەخپىيىتىگە ئائىت ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە باشقا بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
جاسۇسلۇق ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki