UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتخورلاش جىنايىتى

خورلاش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنى دائىم ئۇرۇش، باغلاپ قويۇش، ئاچ قالدۇرۇش، داۋالاتماسلىق، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىش، ئەركىنلىكىنى چەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازابلاپ، قىيىناپ خورلىغان قەبىھ بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئائىلە ئەزالىرىنى دائىم ياكى داۋاملىق تۈردە تەن ۋە روھىي جەھەتتە ئازابلاپ ۋە قىيناپ خورلىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ (خورلىغۇچىلار ۋە خورلانغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ياكى بېقىش - بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى بولغان، ئۆز ئارا بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە بىر ئائىلىدە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشى بولۇشى كېرەك). 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 260 - ماددا ئائىلىسىدىكىلەرنى خورلىغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 1 - تارماقتىكى جىنايەت ئەرز قىلىنغاندىلا سورىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قانۇنى (1990 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى) 52 - ماددا 3 - تارماق مېيىپلارنى خورلىغانلار ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىنىڭ 22 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ؛ قىلمىشى قەبىھ بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 182 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى (1991 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى) 52 - ماددا 1 - تارماق قۇرامىغا يەتمىگەن ئائىلە ئەزالىرىنى خورلىغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 182 - ماددىسىدىك بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت