شىركەت، كارخانا خادىملىرىغا پارا بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، شىركەت ۋە كارخانا خادىملىرىغا كۆپرەك مىقداردا پۇل - مال بەرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - شىركەت، كارخانىلارنىڭ نورمال كەسپىي پائالىيىتى ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ پاكلىق تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇنسىز مەنپەئەتنى كۆزلەپ شىركەت، كارخانىلاردىكى خىزمەتچى خادىملارغا پۇل - مال بەرگەن، بەلكى مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
164 - ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ شىركەت ۋە كارخانا خادىملىرىغا پۇل - مال بەرگەنلەردىن، مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇدددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاقام جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
پارا بەرگۈچىلەردىن پارا بېرىش قىلمىشى سۈرۈشتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرغانلىرىغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، شىركەت ۋە كارخانا خادىملىرىغا پۇل - مال بەرگەن، شەخسنىڭ بەرگەن پارا سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق، ئورۇننىڭ بەرگەن پارا سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.