UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمۇئامىلىدارلاردىن قوبۇل قىلغان مەبلەغنى ھېساباتقا كىرگۈزمەي باشقىلارغا قانۇنسىز ھالدا ئۆتنە بېرىش، قەرز تارقىتىش جىنايىتى

مۇئامىلىدارلاردىن قوبۇل قىلغان مەبلەغنى ھېساباتقا كىرگۈزمەي باشقىلارغا قانۇنسىز ھالدا ئۆتنە بېرىش، قەرز تارقىتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - بانكا ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە مۇئامىلىدارلاردىن قوبۇل قىلغان مەبلەغنى ھېساباتقا كىرگۈزمەسلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەبلەغنى قانۇنسىز ئۆتنە بېرىشكە، قەرز تارقىتىشقا ئىشلىتىپ زور زىيان پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مۇئامىلىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ياكى خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مۇئامىلىدارلاردىن قوبۇل قىلغان مەبلەغنى ھېساباتقا كىرگۈزمەي مەبلەغنى قانۇنسىز ئۆتنە بېرىشكە، قەرز تارقىتىشقا ئىشلىتىپ، زور زىيان پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلار ھەم خىزمەتچى خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 187 - ماددا بانكا ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە مۇئامىلىدارلاردىن قوبۇل قىلغان مەبلەغنى ھېساباتقا كىرگۈزمەسلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەبلەغنى قانۇنسىز ئۆتنە بېرىشكە، قەرز تارقىتىشقا ئىشلىتىپ، زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) بانكا ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە مۇئامىلىدارلاردىن قوبۇل قىلغان مەبلەغنى ھېساباتقا كىرگۈزمەسلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەبلەغنى قانۇنسىز ئۆتنە بېرىشكە، قەرز تارقىتىشقا ئىشلىتىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) شەخسلەردىن مۇئامىلىدارلاردىن باشقىلارنىڭ مەبلىغىنى قانۇنسىز ھالدا ئۆتنە بېرىپ، قەرز تارقىتىپ، 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ 2) ئورۇنلاردىن مۇئامىلىدارلاردىن باشقىلارنىڭ مەبلىغىنى قانۇنسىز ھالدا ئۆتنە بېرىپ، قەرز پۇل تارقىتىپ، بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
مۇئامىلىدارلاردىن قوبۇل قىلغان مەبلەغنى ھېساباتقا كىرگۈزمەي باشقىلارغا قانۇنسىز ھالدا ئۆتنە بېرىش، قەرز تارقىتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki