UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتاۋار تەكشۈرۈشتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى

تاۋار تەكشۈرۈشتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ تاۋار تەكشۈرۈش تارمىقى، تاۋار تەكشۈرۈش ئاپپاراتى خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرمەي ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاۋار تەكشۈرۈشكە بولغان نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرمەي ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى دۆلەتنىڭ تاۋار تەكشۈرۈش تارمىقى، تاۋار تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 412 - ماددا 2 - تارماق يۇقىرىقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرمەي ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1) تەكشۈرمەسلىك ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىش، خاتا چىقىرىش تۈپەيلىدىن، ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنماي، توختام، زاكاز تالونىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ ياكى چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ بىزدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشىغا ۋە ياكى چەت ئەللىك سودىگەرلەردىن تۆلەم تەلەپ قىلىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ، 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان سالغان بولسا؛ 2) تەكشۈرمەسلىك ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىش، خاتا چىقىرىش تۈپەيلىدىن، لاياقەتسىز تاۋارلارنىڭ ئىمپورت ياكى ئېكسپورت قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛ 3) ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرمەي ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كېچىكتۈرۈپ چىقىرىپ، خاتا چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ تاشقى ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە ياكى دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈگەن بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ (2) بەش قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرمىگەن ياكى تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى كېچىكتۈرگەن، خاتا چىقارغان بولسا. 2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئۈچ مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ (2) يەتتە قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرمىگەن ياكى تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى كېچىكتۈرگەن، خاتا چىقارغان بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت