قان سېتىشقا قانۇنسىز ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇنغا خىلاپ ھالدا باشقىلارنى قان سېتىشقا ئۇيۇشتۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇنغا خىلاپ ھالدا باشقىلارنى قان سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
333 - باشقىلارنى قان سېتىشقا قانۇنسىز ئۇيۇشتۇرغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن قان ساتقۇزغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىك قىلمىشنى سادىر قىلغانلاردىن باشقىلارنى زەخىملەندۈرگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 234 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قان تەقدىم قىلىش قانۇنى
(1998 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى)
18 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛
(1) قاننى قانۇنسىز ئالغانلار؛
(2) ھەقسىز تەقدىم قىلغان قاننى ساتقان قان پونكىتى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى؛
(3) باشقىلارنى قان سېتىشقا قانۇنسىز تەشكىللىگەنلەر.