UyghurWiki›422 جىنايەت›قوراللىق قىسىملارنىڭ ھۆججەت - ئالاقە، گۇۋاھنامە ۋە تامغىلىرىنى ئوغرىلاش، تارتىۋېلىش جىنايىتى
قوراللىق قىسىملارنىڭ ھۆججەت - ئالاقە، گۇۋاھنامە ۋە تامغىلىرىنى ئوغرىلاش، تارتىۋېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ، قوراللىق قىسىملارنىڭ ھۆججەت - ئالاقە، گۇۋاھنامە، تامغىلىرىنى مەخپىي ئىگىلىۋېلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ تەييارلىقسىز ھالەتتە تۇرغانلىقتىن پايدىلىنىپ ئاشكارا تارتىۋېلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - قوراللىق قىسىملارنىڭ ئىناۋىتى ۋە نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قوراللىق قىسىملارنىڭ ھۆججەت - ئالاقە، گۇۋاھنامە ۋە تامغىلىرىنى ئوغرىلىۋېلىش، تارتىۋېلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
375 - ماددا 1 - تارماق قوراللىق قىسىملارنىڭ ھۆججەت - ئالاقە، گۇۋاھنامە ۋە تامغىلىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، ئېلىپ - ساتقان ياكى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.