UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتنارەسىدە قىزلارنى قوندۇرۇپ پاھىشە قىلىش جىنايىتى

نارەسىدە قىزلارنى قوندۇرۇپ پاھىشە قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى قوندۇرۇپ پاھىشە قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - نارەسىدە قىزلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپى ھەم ئىجتىمائىي ئەخلاق كەيپىياتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى قوندۇرۇپ پاھىشە قىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 360 - ماددا 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلارنى قوندۇرۇپ پاھىشە قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ نارەسىدە قىزلارنى قوندۇرۇپ پاھىشە قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئېنىق بىلىش ئاساسىي شەرتىنى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ياكى تېگىشلىك ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2001 - يىل 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى) نارەسىدە قىزلارنى قوندۇرۇپ پاھىشە قىلىش جىنايىتى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىش ئۈچۈن، نارەسىدە قىزلارنى قوندۇرۇپ پاھىشە قىلىش قىلمىشىغا قانۇننى قانداق تەتبىقلاش مەسىلىسىگە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بېرىمىز: قىلمىشچىلاردىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ ياكى بىلمەي قوندۇرۇپ پاھىشە قىلغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 360 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىك بەلگىلىمە بويىچە نارەسىدە قىزلارنى قوندۇرۇپ پاھىشە قىلغانلار قاتارىدا سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت