ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قەستەنلىك بىلەن ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشقا قارىتىلغان.
1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئىشلىتىۋاتقان ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
118 - ماددا ئېلېكتر، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە ياكى ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان باشقا ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
119 - ماددا 1 - تارماق قاتناش ۋاسىتىلىرى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، يېقىلغۇ گاز ئۈسكۈنىلىرىگە، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ئۈسكۈنىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.