UyghurWiki›422 جىنايەت›رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى قانۇنسىز ياساش، قانۇنسىز ياسالغانلىرىنى سېتىش جىنايىتى
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى قانۇنسىز ياساش، قانۇنسىز ياسالغانلىرىنى سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قىلمىش سادىر قىلغۇچى باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ ياسىۋېلىنغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان بەلگىسىنى ساتقان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان بەلگىسىنى ساتقان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. ئوبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
215 - ماددا باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ ياسىۋېلىنغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان بەلگىسىنى ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
220 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 213 - ماددىدىن 219 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىسىمى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدرۇغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ ياسىۋېلىنغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باسقان بەلگىسىنى ساتقانلاردىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى قانۇنسىز ياسىغان، قانۇنسىز ياسالغانلىرىنى ساتقانلاردىن سانى 20 مىڭ پارچە (يۈرۈش) دىن ئارتۇق بولغانلار ياكى قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغان سوممىسى 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار ۋە ياكى قانۇنسىز تىجارەت قىلغان سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار؛
2) داڭلىق تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى قانۇنسىز ياسىغان، قانۇنسىز ياسالغانلىرىنى ساتقانلار؛
3) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى قانۇنسىز ياساپ، قانۇنسىز ياسالغانلىرىنى سېتىپ ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، يەنە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى قانۇنسىز ياسىغان، قانۇنسىز ياسالغانلىرىنى ساتقانلار؛
4) پارىخورلۇق قىلىشقا ئوخشاش قانۇنسىز ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز ياسالغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ساتقانلار.