ناچار دورا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ناچار دورا ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىپ، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەم خەلق ئاممىسىنىڭ جىسمانىي، ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە - دۆلەتنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ناچار دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىپ، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (شەخس، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
142 - ماددا ناچار دورا ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلاردىن كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان ناچار دورا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ناچار دورا ھېسابلىنىدىغان دورىلارنى كۆرسىتىدۇ.
150 - ماددا ۋە 149 - ماددىلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 69 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.