UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەت چېگراسىنىڭ تازىلىق كارانتىنىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

دۆلەت چېگراسىنىڭ تازىلىق كارانتىنىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت چېگراسىنىڭ تازىلىق كارانتىنى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى تارقىلىش ئېغىر خەۋپىنى پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت چېگراسىنىڭ تازىلىق كارانتىنى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى ۋە دۆلەت چېگراسىنىڭ تازىلىق كارانتىنىنى باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت چېگراسىنىڭ تازىلىق كارانتىنى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ياكى سەۋەبچى بولىدىغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 332 - ماددا دۆلەت چېگراسىنىڭ تازىلىق كارانتىنى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كارانتىن قىلىنىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانلارغا ياكى تارقىلىش ئېغىر خەۋپىنى پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئورۇننىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
دۆلەت چېگراسىنىڭ تازىلىق كارانتىنىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki