UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقانۇنسىز ھالدا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلىش جىنايىتى

قانۇنسىز ھالدا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇغۇتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى، يالغان تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى، ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلغان ياكى بالىياتقۇدىكى تۇغۇت چەكلىگۈچىنى ئېلىۋەتكەن ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلىتىمىزنىڭ پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ تۇغۇتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى، يالغان تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى، ھامىلىدار بولۇشنى توختىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلغان ياكى بالىياتقۇدىكى تۇغۇت چەكلىگۈچنى ئېلىۋەتكەن ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 336 - ماددا 2 - تارماق دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇغۇتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسى، يالغان تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى، ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلغان ياكى بالىياتقۇدىكى تۇغۇت چەكلىگۈچنى ئېلىۋەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەنرىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگ ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قانۇنسىز ھالدا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki