UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى

قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز تىجارەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ نورمال بازار باشقۇرۇش تەرتىپى ھەمدە دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە تاموژنا بېجىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلغان قىلمىشى ئېغىر بولغانلاردا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت قىلمىش شەكىللىرى مۇنداق: بىرىنچى، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا مەخسۇس تىجارەت، مونوپول تىجارەت قىلىش بەلگىلەنگەن بۇيۇم ياكى ئېلىپ سېتىشتا چەك قويۇلغان باشقا بۇيۇملار تىجارىتىنى ئىجازەتسىز قىلىش؛ ئىككىنچى، ئىمپورت - ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى، ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جايى توغرىسىدىكى ئىسپات شۇنىڭدەك باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن تىجارەت ئىجازەتنامىسى ياكى تەستىقى ھۆججەتلەرىنى ئېلىپ سېتىش؛ ئۈچىنچى، ئاكسىيە، زاكاز مال (قەرەللىك مال) ياكى سۇغۇرتا كەسپىي مۇلازىمىتى بىلەن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش؛ تۆتىنچى، بازار تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرۇپ، باشقا قانۇنسىز تىجارەتلەرنى قىلىش. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 225 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قانۇنسىز تىجارەتلەرنىڭ بىرىنى قىلىپ بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلاردىن، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك ماقا جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: (1) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا مەخسۇس تىجارەت، مونوپول تىجارەت قىلىش بەلگىلەنگەن نەرسە ياكى ئېلىپ - سېتىشتا چەك قويۇلغان باشقا نەرسە تىجارىتىنى ئىجازەتسىز قىلىش. (2) ئىمپورت - ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى، ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايى توغرىسىدىكى ئىسپات ۋە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا تىجارەت ئىجازەتنامىسى ياكى تەستىق ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ - سېتىش؛ (3) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئاساسلىق باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي، ئاكسىيە، قەرەللىك مال ياكى سۇغۇرتا كەسپى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللانغان بولسا؛ (4) بازار تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرىدىغان باشقا قانۇنسىز تىجارەتلەر. 231 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 230 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەلقئارا مەخسۇس لىنىيىنى ئىجارىگە ئېلىش، ئۇلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئالدىغا قۇرۇش ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆز ئالدىغا خەلقئارا تېلېگراف كەسپى تىجارىتى ياكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە ئۇلىنىدىغان تېلېگراف كەسپى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ پايدا ئېلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق تېلېفون بېرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛ 2) بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق تېلېفون قوبۇل قىلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛ 3) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا تېلېگراف كەسپى ياكى شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە ئۇلىنىدىغان تېلېگراف كەسپى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللىنىپ، ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، يەنە قانۇنسىز تىجارەت قىلغان بولسا. تاشقى پېرېۋوت تىجارىتى بىلەن قانۇنسىز شۇغۇللىنىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) بېكىتىپ بېرىلگەن تاشقى پېرېۋوت بانكىسى، جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى ۋە ئۇنىڭ تارماق مەركىزىدىن باشقا جايلاردا 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تاشقى پېرېۋوت سودىسى قىلغان ياكى قانۇنسىز تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا؛ 2) شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلار تاشقى سودا ۋاكالەت كەسپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ياكى دوكۇمېنت، سودا ھۆججىتىنىڭ ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقىلار ئۈچۈن بېكىتىپ بېرىلگەن تاشقى پېرېۋوت بانكىسىدىن بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋالغان ياكى قانۇنسىز تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا؛ 3) ئارىغا چۈشۈپ تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ سېتىۋالغان ياكى قانۇنسىز تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىپ، بېسىپ، كۆپەيتىپ بېسىپ، تارقىتىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) شەخسنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان، ئورۇننىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش سوممىسى 150 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا؛ 2) شەخسنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان، ئورۇننىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا؛ 3) شەخسىي قانۇنسىز تىجارەت قىلغان گېزىت 5000 پارچە ياكى ژۇرنال 5000 ياكى كىتاب 0200 ۋە ياكى ئۈن - سىن بۇيۇمى، ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمى 500 پارچە )قاپ( دىن ئارتۇق بولسا، ئورۇن قانۇنسىز تىجارەت قىلغان گېزىت 15 مىڭ پارچە ياكى ژۇرنال 15 مىڭ پارچە ياكى كىتاب 5000 ياكى ئۈن - سىن بۇيۇمى، ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمى 1500 پارچە (قاپ) دىن ئارتۇق بولسا. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز ئاكسىيە، قەرەللىك مال ياكى سۇغۇرتا كەسپى تىجارىتى قىلغان ياكى قانۇنسىز تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. باشقا قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا، سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) شەخسنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياكى قانۇنسىز تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ 2) ئورۇننىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياكى قانۇنسىز تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت