UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلدۇرۇش جىنايىتى

قول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلدۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتكە خىلاپ ئىشنى قىلدۇرۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتكە خىلاپ ئىشنى قىلدۇرۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - رەھبەرلىك ئورنىدىكى ھەربىي خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 427 - ماددا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتكە خىلاپ ئىشنى قىلدۇرۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قول ئاستىدىكىلەرنى مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلدۇرۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki