قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلغان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە باشقىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلغان ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
336 - ماددا 1 - تارماق دوختۇرلۇق سالاھىيىتگە ئىگە بولماي تۇرۇپ قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي دوختۇرلار قانۇنى
(1998 - يىل 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى)
39 - ماددا تەستىقلاتماي، ئۆز مەيلىچە داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇپ دوختۇرلۇق قىلغان ياكى دوختۇر ئەمەس تۇرۇپ دوختۇرلۇق قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قانۇنسىز تاپاۋىتى ۋە دورا، سايمانلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ دوختۇرلۇق كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىمارغا زىيان يەتكۈزگەنلەر قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.