UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئاپتورلۇق ھوقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى

ئاپتورلۇق ھوقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - پايدا ئېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغان، سوممىسى كۆپرەك بولغان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئاپتورنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھوقۇق - مەنپەئەتى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبېيكتىپ جەھەتتە ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، بەلكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى كۆپرەك بولغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىش بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. قىلمىشنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ۋە ئۇرۇللىرى مۇنداق: بىرىنچى، ئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۇنىڭ يازما ئەسىرى، كىنو ئەسىرى، تېلېۋىزىيە ئەسىرى، ئۈن - سىن ئەسىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە باشقا ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپ تارقىتىش، ئىككىنىچى، نەشىر ھوقۇقى باشقىلارغا خاس كىتابلارنى نەشر قىلىش؛ ئۈچىنچى، ئۈن - سىن بۇيۇملرىنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ تارقىتىش؛ تۆتىنچى، باشقىلارنىڭ نامى ئىشلىتىۋېلىنغان گۈزەل - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىشلەش، سېتىش. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (شەخسلەر ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 217 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە، ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ: (1) ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىدارىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ يازما ئەسىرى، مۇزىكا، كىنو، تېلېۋىزىيە، ئۈن - سىن ئەسىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە باشقا ئەسەرلىرىنى كۆپەيتىپ تارقىتىش؛ (2) نەشر ھوقۇقى باشقىلارغا خاس كىتابلارنى نەشر قىلىش؛ (3) ئۈن - سىن ھاسىلاتى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلار ئىشلىگەن ئۈن - سىن ھاسىلاتىنى كۆپەيتىپ تارقىتىش؛ (4) باشقىلارنىڭ نامى ئىشلىتىۋېلىنغان گۈزەل - سەنئەت ئەسىرىنى ئىشلەش، سېتىش. 220 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 213 - ماددىدىن 219 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (1998 - يىل 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى) 2 - ماددا پايدا ئېلىش مەقسىتىدە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 217 - ماددىسىدا ئېيتىلغان ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشىدىن بىرىنى سادىر قىلغان شەخسلەردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، ئورۇنلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلار <قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسىنىڭ مىقدارى كۆپرەك> كە كىرىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى <باشقا ئېغىر قىلمىشى بارلار> غا كىرىدۇ: 1. ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىقتىن ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جاۋابكارلىقى ياكى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەن، ئىككى يىل ئىچىدە يەنە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 217 - ماددىسىدا ئېيتىلغان ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار؛ 2. شەخسلەردىن قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى 020 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، ئورۇنلاردىن قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى بىر مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغانلار؛ 3. باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار. پايدا ئېلىش مەقسىتىدە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 217 - ماددىسىدا ئېيتىلغان ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشىنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان شەخسلەردىن تاپاۋەت سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، ئورۇنلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى بىر مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغانلار <قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسىنىڭ مىقدارى ناھايىتى كۆپ> كە كىرىدۇ؛ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار <باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بارلار> غا كىرىدۇ: 1. شەخسلەردىن قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى بىر مىليون يۈەندىن يۇقىرى، ئورۇنلاردىن قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى بەش مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغانلار؛ 2. باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار. 3 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 217 - ماددا (1) تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <كۆپەيتىپ تارقىتىش> دېگىنىمىز، قىلمىش سادىر قىلغۇچى پايدا تېپىش مەقسىتىدە ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ يازما ئەسىرى، مۇزىكا، كىنو - تېلېۋىزىيە، ئۈن - سىن ئەسىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە باشقا ئەسىرىنى كۆپەيتىش، تارقىتىش ياكى ھەم كۆپەيتىش ھەم تارقىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 4 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 218 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان شەخسلەردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، ئورۇنلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 218 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتىلمىنى سېتىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 5 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 217 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر قىلغان ھەم ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتىلمىنى ساتقانلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازا بېرىلمەستىن، ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتىلا بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 217 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى سادىر قىلغان ھەمدە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتىلمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازا بېرىلىدۇ. 16 - ماددا نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن باشقىلار بىلەن ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارغا شۇ نەشرىيات ئورنىنىڭ نامى، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، نەشر نومۇرىنى سېتىپ، ئىجارىگە بېرىپ ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 2 -، 4 -، 8 -، 9 -، 10 -، 11 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرۈشىگە سەۋەبچى بولغانلارنى ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 17 - ماددا بۇ ئىزاھاتتا ئېيتىلغان <تىجارەت سوممىسى> قانۇنسىز نەشر بۇيۇمىنىڭ باھاسى بىلەن قىلمىش سادىر قىلغۇچى تىجارەت قىلغان قانۇنسىز بۇيۇمى تاپاۋەت سوممىسىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىزاھاتتا ئېيتىلغان <قانۇنسىز تاپاۋەت سوممىسى> پايدا سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ. قانۇنسىز نەشر بۇيۇمىنىڭ باھاسى بولمىسا ياكى چەت ئەل پۇلى باھاسى بولسا، ئۇنىڭ باھا سوممىسىنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئەمەلىي ساتقان باھا بويىچە بېكىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت