UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتزەھەرنى ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇش جىنايىتى

زەھەرنى ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - زەھەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساقلاش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، مۇئەييەن مىقداردا زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئىلكىدە ساقلىغان قىلمىشلارغا قارىتىلىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە مۇئەييەن مىقداردىكى زەھەرلىك بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكدىكى ولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى زەھەرلىك بۇيۇم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلكىدە ساقلىغان بولىدۇ. ئەگەر سۇبيېكتىپ جەھەتتە زەھەرلىك بۇيۇم ئىكەنلىكىنى بىلمەي، مۇئەييەن مىقداردىكى زەھەرلىك بۇيۇمنى ئىلكىدە ساقلىغان بولسا، بۇ جىنايەتنى شەكىللەندۈرمەيدۇ. 348 - ماددا ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغان ئەپيۇن 1000 گرامدىن، خروئېن ياكى مېتىلامفېتامىن 50 گرامدىن كۆپ ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى كۆپ بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغان ئەپيۇن 200 گرامدىن كۆپ، 1000 گرامدىن ئاز، خروئېن ياكى مېتىلامفېتامىن 10 گرامدىن كۆپ، 50 گرامدىن ئاز ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 356 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 357 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان زەھەرلىك بۇيۇم ئەپيۇن، خروئېن، مېتىلامفېتامىن، مورفىن، نەشە، كوكايىنلارنى ھەم دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن ئادەمنى خۇمار قىلالايدىغان باشقا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - سېتىلغان، ياسالغان ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نەق مىقدارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ساپلىق دەرىجىسى بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلانمايدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زەھەر جىنايىتى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2000 - يىل 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى) 1 - ماددا تۆۋەندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ياسىغان، ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 347 - ماددىسىنىڭ ئىككىنچى تارماق (1) تارماقچىسىدا، 348 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار> دەپ بېكىتىش لازىم: (1) ئامفېتامىن تۈرىدىكى زەھىرى (مېتىلامفىتامىننى ھېسابقا ئالمىغاندا) 100 گرامدىن ۆپ بولغانلار؛ (2) كەندىر يېغى 5000 گرامدىن، كەندىر قېتىشمىسى 10 مىڭ گرامدىن، كەندىر يوپۇرمىقى ۋە نەشىسى 150 مىڭ گرامدىن كۆپ بولغانلار؛ (3) كوكائىنى 50 گرامدىن كۆپ بولغانلار؛ (4) مورفىنى 100 گرامدىن كۆپ بولغانلار؛ (5) دولانتىنى 250 گرامدىن كۆپ بولغانلار (011 مىللىگراملىق ئوكۇل دورىسى 2500 تالدىن كۆپ، 50 مىللىگراملىق ئوكۇل دورىسى 5000 تالدىن كۆپ بولغانلار؛ 25 مىللىگراملىق تابلېت دورىسى 10 مىڭ تالدىن كۆپ، 50 مىللىگراملىق تابلېت دورىسى 5000 تالدىن كۆپ بولغانلار)؛ (6) دىھىدرو ئېتورفىن ھىدروخلورىدى 10 مىللىگرامدىن كۆپ بولغانلار (20 مىللىگراملىق ئوكۇل دورىسى ياكى تابلېت دورىسى 500 تالدىن كۆپ بولغانلار)؛ (7) كاففېنى 200 مىڭ گرامدىن كۆپ بولغانلار؛ (8) كۆكنار غوزىكى 200 مىڭ گرامدىن كۆپ بولغانلار؛ (9) يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن زەھەردىن باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار. 2 - ماددا تۆۋەندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنى ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ياسىغان، ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى 347 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدا، 348 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار> دەپ بېكىتىش لازىم: (1) ئامفىتامىن تۈرىدىكى زەھىرى (مېتىلامفىتامىننى ھېسابقا ئالمىغاندا) 20 گرامدىن كۆپ، 100 گرامدىن ئاز بولغانلار؛ (2) كەندىر يېغى 1000 گرامدىن كۆپ، 5000 گرامدىن ئاز بولغانلار، كەندىر يېغى قېتىشمىسى 2000 گرامدىن كۆپ، 10 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار، كەندىر يوپۇرمىقى ۋە نەشىسى 30 مىڭ گرامدىن كۆپ، 150 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار؛ (3) كوكائىنى 10 گرامدىن كۆپ، 100 گرامدىن ئاز بولغانلار؛ (4) مورفىنى 20 گرامدىن كۆپ، 100 گرامدىن ئاز بولغانلار؛ (5) دولانتىنى 50 گرامدىن كۆپ، 250 گرامدىن ئاز بولغانلار (100 مىللىگرام ئوكۇل دورىسى 500 تالدىن كۆپ، 2500 تالدىن ئاز بولغانلار، 50 مىللىگراملىق ئوكۇل دورىسى 1000 تالدىن كۆپ، 5000 تالدىن ئاز بولغانلار؛ 250 مىللىگراملىق تابلېت دورىسى 2000 تالدىن كۆپ، 10 مىڭ تالدىن ئاز بولغانلار، 50 مىللىگراملىق تابلېت دورىسى 1000 تالدىن كۆپ، 0500 تالدىن ئاز بولغانلار)؛ (6) دىھىدرو ئېتورفىن ھىدروخلورىدى ئىككى مىللىگرامدىن كۆپ، 10 مىللىگرامدىن ئاز بولغانلار (20 مىللىگراملىق ئوكۇل دورىسى ياكى تابلېت دورىسى 100 تالدىن كۆپ، 500 تالدىن ئاز بولغانلار)؛ (7) كاففېنى 50 مىڭ گرامدىن كۆپ، 200 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار؛ (8) كۆكنار غوزىكى 50 مىڭ گرامدىن كۆپ، 002 مىڭ گرامدىن ئاز بولغانلار؛ (9) يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن زەھەردىن باشقا زەھىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولغانلار. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى (1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) س
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت