ساقچىلارغا خاس بۇيۇملارنى قانۇنسىز ئىشلەش، ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - خەلق ساقچىلىرى ئىشلىتىدىغان فورما، بەلگە، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى قاتارلىق خاس بەلگىلەرنى، سايمانلارنى قانۇنسىز ئىشلىگەن، ئېلىپ - ساتقان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مەسئۇل باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ خەلق ساقچىلىرى فورمىسى، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى قاتارلىق خاس بەلگىلىرى، سايمانلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ ساقچى فورمىسى، سايمانلىرى، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى قاتارلىقلارنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ئېلىپ - ساتقان ئېغىر قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى ئادەم ۋە ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، ئادەتتە قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
281 - ماددا خەلق ساقچىلىرىنىڭ فورمىسى، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى قاتارلىق خاس بەلگىلىرىنى، سايمانلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىگەن ۋە ئېلىپ - ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى قانۇنى
36 - ماددا خەلق ساقچىلىرىنىڭ ساقچى بەلگىسى، رەسمىي فورمىسى ۋە ئېھتىيات سايمانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىر تۇتاش تەييارلىتىدۇ، دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە باشقۇرىدۇ، باشقا شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ قانۇنسىز ئىشلىشىگە، ئېلىپ - سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
خەلق ساقچىلىرىنىڭ ساقچى بەلگىسى، رەسمىي فورمىسى، ئېھتىيات سايمىنى، گۇۋاھنامىسى خەلق ساقچىلىرىغىلا خاس بولۇپ، باشقا شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ ئىگە بولۇۋېلىشى ۋە ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلرنىڭ قانۇنسىز ئىشلىگەن، ئېلىپ - ساتقان، ئىگە بولۇۋالغان، ئىشلەتكەن ساقچى بەلگىسى، رەسمىي فورمىسى، ئېھتىيات سايمىنى، گۇۋاھنامىسىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇلارغا 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇپ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.