UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ھادىسە پەيدا قىلىش جىنايىتى

ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ھادىسە پەيدا قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش قانۇن - نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نازارەت قىلغۇچى ئورگاننىڭ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇشىنى ئىجرا قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش نازارەتچىلىك تۈزۈمى ۋە جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش قانۇن - نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوت ئاپتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نازارەت قىلغۇچى ئورگاننىڭ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇشىنى ئىجرا قىلمىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت يەنى ئورۇنلار بولىدۇ. ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئورۇنلاردىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەسئۇلىيىتى بولغان باشقۇرغۇچى خادىملار ياكى باشقا بىۋاستە مەسئۇلىيىتى بولغان خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 139 - ماددا ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش قانۇن - نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نازارەت قىلغۇچى ئورگاننىڭ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى ئىجرا قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، بىۋاستە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت