پاكىتتىن تولىمۇ يىراق تۇرىدىغان ئىسپات - ھۆججەت بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش، ئىسپات تەكشۈرۈش، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي مۇپەتتىشلىك، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرن ئۈستىگە ئالغان ۋاسىتىچى تەشكىلاتلاردىكى خادىملاردىن ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، چىقىرىپ بەرگەن ئىسپات - ھۆججەتلىرى پاكىتتىن تولىمۇ يىراق بولغاچقا، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - بازارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ۋاسىتىچى تەشكىلاتلاردىكى خادىملار ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، چىقىرىپ بەرگەن ئىسپات - ھۆججەتلىرى پاكىتتىن تولىمۇ يىراق بولغاچقا، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ كونكرېت تۆۋەندىكى مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ۋاسىتىچى تەشكىلات ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ئەمەلىيەتنى تەكشۈرۈمەي ياكى ئەستايىدىل تەكشۈرۈمەي ئىسپات - ھۆججەت چىقىرىپ بېرىش، ئىككىنچى، چىقىرىپ بەرگەن ئىسپات - ھۆججەت پاكىتتىن تولىمۇ يىراق بولۇش؛ ئۈچىنچى، چىقىرىپ بەرگەن ئىسپات - ھۆججەت دۆلەت، كوللېكتىپ، شەخسكە ئېغىر زىيان كەلتۈرگەن بولۇش، يانى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولۇش. مۇشۇ ئۈچ تەرەپنى بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلىغاندا، ئاندىن بۇ جىنايەت شەكىللىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ. يەنى مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش، ئىسپات تەكشۈرۈش، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي مۇپەتتىشلىك، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ۋاسىتىچى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بولىدۇ، ۋاسىتىچى ئورۇنلارمۇ بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
229 - ماددا مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش، ئىسپات تەكشۈرۈش، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىشلىك، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ۋاسىتىچى تەشكىلاتلاردىكى قەستەن يالغان ئىسپات - ھۆججەت بەرگەن خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خادىملار باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى پۇل - مالنى قانۇنسىز ئېلىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزسە، بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
1 - تارماقتا بەلگىلەنگن خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، بەرگەن ئىسپات - ھۆججەتلىرى پاكىتتىن تولىمۇ يىراق بولۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
231 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 230 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىك بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
مۈلۈك باھالاش، مەبلەغ تەكشۈرۈش، ئىسپات تەكشۈرۈش، بوغالتىرلىق، ئىقتىسادىي تەپتىشلك، قانۇن مۇلازىمىتى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان ۋاسىتىچى تەشكىلاتلاردىكى خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، بەرگەن ئىسپات - ھۆججەتلىرى پاكىتتىن تولىمۇ يىراق بولۇپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) دۆلەت، جامائەتچىلىك ياكى باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنى بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛
2) يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.