UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى

دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قەستەنلىك بىلەن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇش قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبېيكتى - دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تۈزۈمى. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇن - بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇش ئەھۋالى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئاسالىقى دۆلەت خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 398 - ماددا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن قاتىللىق ياكى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن باشقا كىشىلەردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالغا قاراپ جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاپ قويۇشتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1) دۆلەتنىڭ مۇتلەق مەخپىي ياكى مۇھىم مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان بولسا؛ 2) دۆلەتنىڭ مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن ئۈچتىن ئارتۇقىنى ئاشكارىلىغان بولسا؛ 3) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى جامائەتچىلىككە تارقاتقان بولسا؛ 4) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ، ئېغىر زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 5) خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا ئەقىل كۆرسەتكەن ياكى ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولسا؛ 6) شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسا؛ 7) قىلمىشى ئېغىر باشقا ئەھۋاللار بولسا. دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايى قىلمىشىغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى يۇقىرىقى ئۆلچەم بويىچە بولىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) دۆلەتنىڭ مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن بىردىن ئارتۇقنى قەستەن ئاشكارىلىغان ياكى دۆلەتنىڭ مۇھىم مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن ئۈچتىن ئارتۇقىنى ۋە ياكى دۆلەتنىڭ مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن بەشتىن ئارتۇقىنى ئاشكارىلىغان بولسا؛ (2) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاپ، 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان سالغان بولسا؛ (3) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلغان بولسا؛ (4) دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا. 2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) دۆلەتنىڭ مۇتلەق مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن ئىككىدىن ئارتۇقىنى قەستەن ئاشكارلىغان ياكى دۆلەتنىڭ مۇھىم مەخپىي دەرىجلىك مەخپىيەتلىكىدىن بەشتىن ئارتۇقىنى ۋە ياكى دۆلەتنىڭ مەخپىي دەرىجىلىك مەخپىيەتلىكىدىن يەتتىدىن ئارتۇقىنى ئاشكارىلىغان بولسا؛ (2 ) دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاپ، بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان سالغان بولسا؛ (3) دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا؛ (4) دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلاپ قويۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki