UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتيىغىلىشقا، نامايىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە قانۇنسىز ھالدا قورال - ياراغ، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمان ۋە پارتلاتقۇچ ئېلىپ قاتنىشىش جىنايىتى

يىغىلىشقا، نامايىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە قانۇنسىز ھالدا قورال - ياراغ، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمان ۋە پارتلاتقۇچ ئېلىپ قاتنىشىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يىغىلىشقا، نامايىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە قورال - ياراغ، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمان ياكى پارتلاتقۇچ ئېلىپ قاتنىشىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يىغىلىشقا، نامايىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە قورال - ياراغ، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمان ياكى پارتلاتقۇچ ئېلىپ قاتناشقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 297 - ماددا قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يىغىلىشقا، نامايىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە قورال - ياراغ ۋە باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمان ياكى پارتلاتقۇچ ئېلىپ قاتناشقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت