UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقورال - ياراغ، ئوق - دورا ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى

قورال - ياراغ، ئوق - دورا ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - تاموژنا قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى توشۇش، ئېلىپ مېڭىش، پوچتىدىن يوللاش ئارقىلىق چېگرادىن ئەكىرگەن، ئېلىپ چىققان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تاموژنىغا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورا قاتارلىقلارنى توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق چېگرادىن ئېلىپ كىرگەن، ئېلىپ چىققان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 151 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا، يادرو ماتېرىيالى ياكى يالغان پۇل ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ................... 1 -، 2 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ ماددىنىڭ تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 155 - تۆۋەندىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلار ئەتكەسچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، مۇشۇ پاراگرافتىك ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ: (1) دۆلەت ئىمپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان بۇيۇملارنى ئەتكەسچىلەردىن قانۇنسىز يول بىلەن بىۋاستە سېتىۋالغانلر ياكى ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن ئىمپورت قىلغان باشقا مال ۋە بۇيۇملارنى ئەتكەسچىلەردىن قانۇنسىز يول بىلەن بىۋاستە سېتىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلار؛ (2) ئىچكى دېڭىز، دېڭىز تەۋەلىكى، پاسىل دەريا ۋە پاسىل كۆلىمىزدە دۆلەت ئىمپورت - ئېكىسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان بۇيۇملارنى توشۇغان، سېتىۋالغان ۋە ئېلىپ - ساتقانلر ياكى دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورتقا چەك قويغان ۋە مال - بۇيۇملارنى توشۇغان، سېتىۋالغان ۋە ئېلىپ ساتقانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلار ۋە قانۇنلۇق ئىسپاتى بولمىغانلار. 156 - ماددا ئەتكەسچى جىنايەتچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارنى قەرز پۇل مەبلەغ، ھېسابات نومۇرى، تالون، ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەنلەر ياكى ئۇلارغا توشۇش، ساقلاش، پوچتىدىن ئەۋەتىش قۇلايلىقى ياكى باشقا قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەنلەر ئەتكەسچىلىك قىلغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 157 - ماددا ئەتكەسچىلەرنى قوراللىق قوغدىغۇچىلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 151 - ماددىسىنىڭ 1 - ۋە 4 - تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇشقا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە ئەتكەسچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 227 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قورال - ياراغ، ئوق - دورا ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki