ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - باشقىلارنى خالىغانچە ئۇرۇپ، ھاقارەتلەپ، تىللاپ، باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ، ئالدىنى توسۇپ، جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىپ، خالىغانچە ۋەيران قىلىپ، ئىگىلىۋېلىپ، جامائەت سورۇنلىرىدا غوۋغا كۆتۈرۈپ، جېدەل چىقىرىپ جامائەت سورۇنىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبېيكتى - جامائەت تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تۆۋەندىكى تۆت خىل قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچى، باشقىلارنى خالىغانچە ئۇرغان قەبىھ قىلمىشلار؛ ئىككىنچى، باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ ئالدىنى توسۇپ، تىللاپ ھاقارەتلىگەن قەبىھ قىلمىشلار؛ ئۈچىنچى، جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىپ ياكى خالىغانچە ۋەيران قىلغان ئېغىر قىلمىشلار؛ تۆتىنچى، جامائەت سورۇنلىرىدا غوۋغا كۆتۈرۈپ، جېدەل چىقىرىپ جامائەت سورۇنىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشلار.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
293 - ماددا ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ:
(1) باشقىلارنى خالىغانچە ئورغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلار؛
(2) باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ، ئالدىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ھاقارەتلەپ تىللىغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلار؛
(3) جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋالغان ياكى خالىغانچە ۋەيران قىلغان، ئىگىلىۋالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛
(4) جامائەت سورۇنىدا غوۋغا كۆتۈرۈپ جېدەل چىقارغانلاردىن جامائەت سورۇنىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلار.