UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتيوشۇرۇپ قويۇش، قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى

يوشۇرۇپ قويۇش، قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - بىراۋنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا يوشۇرۇنىدىغان جاي ۋە پۇل - مال تېپىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن، ئۇنىڭغا يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ قانات ئاستىغا ئالغان قىمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ جىنايەتچى ئۇنسۇرلار بىلەن كۈرەش قىلىش نورمال پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە - جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى يوشۇرۇپ قويغان، قانات ئاستىغا ئالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. يوشۇرۇپ قويۇش دېگەنلىك، جىنايەتچىلەرنى يوشۇرۇنىدىغان جاي ۋە پۇل - مال بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. قانات ئاستىغا ئېلىش دېگەنلىك، ئەدلىيە ئورگانلىرىنى يالغان گۇۋاھلىق بىلەن تەمىنلەپ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ بارلىق ياكى بىر قىسىم جىنايەتلەرنى يوشۇرىدىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. يەنى 16 ياشقان توشقان، جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان شەخسلەر بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى بولالايدۇ. جىنايەتچى بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 310 - ماددا بىراۋنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يوشۇرۇنىدىغان جاي ۋە پۇل - مال تېپىپ بېرىپ قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ياكى يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ قانات ئاستىغا ئالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاس بېرىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلىرى بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 362 - ماددا مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇش قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 310 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
يوشۇرۇپ قويۇش، قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki