UyghurWiki›422 جىنايەت›سېتىۋېلىنغان ئاياللار، بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا ئادەم توپلاپ توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى
سېتىۋېلىنغان ئاياللار، بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا ئادەم توپلاپ توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ سېتىۋېلىنغان ئاياللار، بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىغا ئادەم توپلاپ توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ سېتىۋېلىنغان ئاياللار، بالىلارنى قانۇن بويىچە قۇتۇلدۇرۇش خىزمەت پائالىيىتى ۋە ئاياللار، بالىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئادەم توپلاپ دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ سېتىۋېلىنغان ئاياللار، بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
242 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ سېتىۋېلىنغان ئاياللار، بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 277 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ سېتىۋېلىنغان ئاياللار، بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىغا ئادەم توپلاپ توسقۇنلۇق قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلاردىن زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.