UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ئازدۇرۇش جىنايىتى

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ئازدۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئازدۇرۇپ توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق ۋە پاھىشىۋازلىق قىلىشقا قاتناشتۇرغان قىلمىشقا قارىتىلىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي روھىي ساغلاملىقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توپلىشىپ بۇزۇقچلىق قىلىشقا ئازدۇرۇش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 301 - ماددا توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى بۇزۇقچىلىققا كۆپ قېتىم قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئازدۇرۇپ توپلىشىپ بۇزۇقچلىق قىلىشقا قاتناشتۇرغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ئازدۇرۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki