UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچنى قانۇنسىز ياساش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، پوچتىدىن يوللاش ۋە ساقلاش جىنايىتى

قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچنى قانۇنسىز ياساش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، پوچتىدىن يوللاش ۋە ساقلاش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ دۆلەتنىڭ قورال - ياراغ، باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىنى ئالماي، قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچنى ئۆز مەيلىچە ياساش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، پوچتىدىن يوللاش، ساقلاش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچنى قانۇنسىز ياسىغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، پوچتىدىن يوللىغان ۋە ساقلىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. " 125 - ماددا 1 - تارماق، 3 - تارماق قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچنى قانۇنسىز ياسىغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، پوچتىدىن يوللىغان ۋە ساقلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنىڭ ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. " جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورال - ياراغ باشقۇرۇش قانۇنى (1996 - يىل 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى) 3 - ماددا دۆلەت قورال - ياراغلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قورال - ياراغنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ساقلىشى، ياسىشى (جۈملىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىشى، قۇراشتۇرۇشى)، ئېلىپ - سېتىشى، توشۇشى، ئىجارىگە بېرىشى، ئارىيەتكە بېرىشى مەنئىي قىلىنىدۇ. دۆلەت قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق جازالايدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. دۆلەت پاش قىلغۇچىلارنى قوغدايدۇ، قورال - ياراغ باشقۇرۇشقا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 32 - ماددا قورال - ياراغلارنى پوچتىدىن ئەۋەتىش ياكى پوچتىدىن ئەۋەتىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ ماڭدۇرۇش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. 44 - ماددا مەزكۇر قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شەخسكە ياكى ئورۇننىڭ بىۋاستە مەسئۇلىيىتى بار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى خادىم بىلەن باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىقى بارلارغا 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەنگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ (1) خەلق ئىشلىتىدىغان قورال - ياراغلارنى بەلگىلەنگەن تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقارمىغانلار؛ (2) قورال - ياراغ ئېلىپ يۈرۈش مەنئىي قىلىنغان رايون ۋە سورۇنلاردا قورال - ياراغ ئېلىپ يۈرگەنلەر؛ (3) براكقا چىقىرىلغان قورال - ياراغلارنى يۇقىرىغا تاپشۇرمىغانلار؛ (4) قورال - ياراغ ئوغرىلاپ كېتىلگەن، بۇلاپ كېتىلگەن ياكى يىتىپ كەتكەندە، ئۇنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلار؛ (5) راستقا تەقلىد قىلىنغان قورال - ياراغلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلار. يۇقىرىقىلار ئىچىدە، بىرىنچى تارماقتىن ئۈچىنچى تارماققىچە بولغان قىلمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ قورال - ياراغلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، شۇنىڭغا قوشۇپ 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ؛ بەشىنچى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆزلىرنىڭ خىزمەت دائىرىسى بويىچە، ئۇلارنىڭ راستقا تەقلىد قىلىپ ئىشلەپچىقارغان قورال - ياراغلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، شۇنىڭغا قوشۇپ ئۇنى ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىپ تاپقان تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان بولسا، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. 46 - ماددا مەزكۇر قانۇندا ئېيتىلغان قورال - ياراغلار پۇرۇخ ياكى سىقىلما گاز قاتارلىقلار ئېنېرگىيە قىلىنىپ، تۇرۇبىسىمان ئەسۋەب ئارقىلىق مېتال ئوق ياكى باشقا ماددىلار ئېتىپ چىقىرىلىدىغان، ئۇ ئادەمگە تەگسە ئادەمنى تامامەن زەخىملەندۈرىدىغان، ئۆلتۈرىدىغان ياكى ھۇشسىزلاندۇرىدىغان قورال - ياراغلارنى كۆرسىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت