نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئەدلىيە خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ۋە يۈز - خاتىرە قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ جاۋابكارلىققا تارتقان، جىنايەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن ساقلاپ قالغان ياكى جىنايى ئىشلار سوت پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە نەپسانىيەتچىلىك ۋە يۈز - خاتىرە قىلىپ قانۇننى بۇزۇش قىلمىشىنى سادىر قىلىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى دۆلەتنىڭ ئەدلىيە خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
399 - ماددا نەپسانىيەتچىلىك ۋە يۈز - خاتىرە قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ جاۋابكارلىققا تارتقان، جىنايەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن ساقلاپ قالغان ياكى جىنايى ئىشلار سوت پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغان ئەدلىيە خادىملىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ھەق تەلەپ، مەمۇرىي سوت پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئەدلىيە خادىملىرىدىن پارىخورلۇق قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇ قانۇننىڭ 385 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنىمۇ شەكىللەندۈرگەنلەر ئېغىرراق جازا بېرىش توغرىسىدىك بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالىنىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
1) جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، دەلىل - ئىسپاتنى ياساش، يوشۇرۇش، يوقىتىۋېتىش ياكى پاكىتنى يوشۇرۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا ئوخشاش باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە دېلو ئاچقان، تەھقىقلىگەن )جۈملىدىن مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللانغان(، ئەيىبلىگەنم، سوتلىغان بولسا؛
2) جىنايەتلىك ئىكەنلىكىنى، يەنى جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك جىنايەت پاكىتى بار ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، دەلىل - ئىسپاتنى ياساش، يوشۇرۇش، يوقىتىۋېتىش ياكى پاكىتنى يوشۇرۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا ئوخشاش ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنى قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ دېلو ئېچىلىشتىن، تەھقىقلەشتىن (جۈملىدىن مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشتىن)، ئەيىبلىنىشتىن، سوتلىنىشتىن ساقلاپ قالغان بولسا؛
3) دېلو ئېچىلغاندىن كېيىن، پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللىنىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللانمىغان ياكى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللانغان بولسىمۇ ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ تەھقىقلەشنى ئۈزۈپ قويغان ۋە ياكى قانۇنغا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتسىمۇ ھېچقانداق تەدبىر قوللانماي، ئەمەلىيەتكە ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن، شۇنىڭدەك مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بىكار قىلىپ، ئۆزگەرتىپ، جىنايەت گۇماندارى ۋە جاۋابكارنى ئەمەلىيەتتە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىن خالاس قىلغان بولسا؛
4) جىنايى ئىشلار سوت پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغان، يەنى جىنايىتى بارلارغا جىنايەتسىز، جىنايەتسىزلەرگە جىنايەتلىك دەپ ھۆكۈم قىلغان ياكى ئېغىر جىنايەتكە يېنىك، يېنىك جىنايەتكە ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلغان بولسا؛
5) ناھەق جاۋابكارلىققا تارتقان، جاۋابكارلىققا تارتمىغان، ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغان باشقا قىلمىشلار بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) قانۇن بويىچە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالى بار جىنايەتچىنى قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ، جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن ساقلاپ قالغان بولسا؛
(2) جىنايەتسىز ئادەمگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدۇرغان بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) قانۇن بويىچە يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالى بار جىنايەتچىنى قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن ساقلاپ قالغان بولسا؛
(2) جىنايەتسىز ئادەمگە يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدۇرغان بولسا.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودىيىلەر قانۇنى
(1995 - يىل 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى)
30 - ماددا سودىيىلەر تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ؛
(3) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش.
31 - ماددا سودىيىلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 30 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇ بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پروكوراتورلار قانۇنى
(1995 - يىل 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى)
33 - ماددا پروكوراتورلار تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ؛
(3) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش.
34 - ماددا پروكوراتورلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 33 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ دېلو بېجىرى، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارغا ئىنتىزام جازاسى بېرىش چارىسى
(1998 - يىل 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى)
خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خاتا دېلودا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى
(سىناق نۇسخىسى)
(1998 - يىل 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى)
خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىكى خادىملاردىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا سوت قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى
(سىناق نۇسخىسى)
1998 - يىل 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى
خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت ئىنتىزامى جازاسى بېرىش چارىسى
(سىناق نۇسخىسى)
(1998 - يىل 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى)