UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە قاتنىشىش جىنايىتى

قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە قاتنىشىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تەشكىللىك ھالدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ھەرخىل ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدىغان قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئاكتىپ قاتناشقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جەمئىيەتنىڭ باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئاكتىپ قاتنىشىش قىلمىشىنى ئېلىپ بارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 294 - ماددا 1 - تارماق زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تەشكىللىك ھالدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، بىر تەرەپكە زومىگەر بولۇۋېلىپ، تۈرلۈك ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ، ئاممىنى بوزەك قىلىپ ۋە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدىغان قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغانلارغا ۋە ئاكتىپ قاتناشقانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەننىڭ ئۈستىگە باشقا جىنايى قىلمىشلارنىمۇ سادىر قىلغانلارغا، بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىغا قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى) 1 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 294 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن <قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات> ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك: (1) تەشكىلىي قۇرۇلمىسى چوڭراق، ئادەم سانى كۆپرەك بولىدۇ، ئېنقراق تەشكىللىگۈچىسى، رەھبەرلىكى بولىدۇ، تايانچ ئەزالىرى ئاساسەن مۇقىم بولىدۇ، تەشكىل - ئىنتىزامى قاتتىقراق بولىدۇ؛ (2) قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتى ياكى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالىدۇ؛ مۇئەييەن ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بولىدۇ؛ (3) پارا بېرىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دۆلەت خادىملىرىنى قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا ئازدۇرىدۇ، تەھدىت سالىدۇ ياكى ئۇلارنى قانۇنسىز قوغدايدۇ؛ (4) مۇئەييەن رايون ياكى كەسىپ دائىرىسىدە، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، پاراكەندە قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ھەدەپ قاقتى - سوقتى قىلىش، ئالدامچىلىق بىلەن بازارنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، ئەتەي چاتاق تېرىش، قەستەن زەخىملەندۈرۈش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىقتىسادقا، جەمئىيەت، تۇرمۇش تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. 4 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغانلار، قاتناشقانلار ئېغىر جازالىنىدۇ. 7 - ماددا قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ۋە قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قاتناشقان جىنايەتچىلەر توپلىغان پۇل - مال ۋە ئۇلارنىڭ تاپاۋىتى، شۇنىڭدەك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئىشلىتىلگەن سايمان - جابدۇقلارنى قانۇن بويىچە يىغىۋېلىش، مۇسادىرە قىلىش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى> 294 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2002 - يىل 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى جىنايى ئىشلار قانۇنى 294 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات> نىڭ مەنىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بەردى: جىنايى ئىشلار قانۇنى 294 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات> تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلىشى كېرەك: (1) بىرقەدەر مۇقىم بولغان جىنايەتچىلەر تەشكىلاتى شەكىللەنگەن، ئادەم سانى كۆپرەك بولغان، ئۇيۇشتۇرغۇچى، رەھبەرلىك قىلغۇچى ئېنىق بولغان، تايانچىلار ئاساسەن مۇقىم بولغان بولۇش؛ (2) قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەشكىللىك ئېلىپ بېرىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىپ، مۇئەييەن ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، شۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتىنى قوللىغان، بولۇش؛ (3) زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەشكىللىك ھالدا كۆپ قېتىم ئېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ، ئاممىنى بوزەك قىلغان ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان بولۇش؛ (4) قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ياكى دۆلەت خادىملىرىنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشى ياكى يول قويۇشىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، بىر تەرەپكە زومىگەر بولۇۋېلىپ، مەلۇم رايون ياكى ساھەنى قانۇنسىز كونترول قىلىپ ياكى ئۇنىڭغا زور تەسىر كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان بولۇش.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت