UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقانۇنسىز ھالدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش جىنايىتى

قانۇنسىز ھالدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلماي، رۇخسەت ئالماي ياكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، بۇيرۇققا بويسۇنماي جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ قىلمىشى تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنى ھازىرلىغاندىلا بۇ جىنايەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىرىنچى، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلمىغان، رۇخسەت ئالمىغان ياكى مەسئۇل باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغان بولۇش، ئىككىنچى، بۇيرۇققا بويسۇنماسلىق، ئۈچىنچى، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان قىلمىش بولۇش. 3. سۇبيېكتى - قانۇنسىز ھالدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە مەسئۇل بولغانلار ۋە بىۋاستە مەسئۇل خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ 296 - ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشتە قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلماي ياكى ئىلتىماسىغا رۇخسەت ئالماي ۋە ياكى مەسئۇل ئورگان رۇخسەت قىلغان باشلاش - توختىتىش ۋاقتى، ئورنى ۋە لىنىيىسىگە ئەمەل قىلماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارقىلىش توغرىسىدىكى بويرۇقىغا بويسۇنماي، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلاردىن يىغىلىشقا، نامايىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە مەسئۇل بولغانلىرىغا ۋە بىۋاستە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قانۇنسىز ھالدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki