UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتزەھەرنى، زەھەر جىنايىتىدىن بولغان ھارام پۇلنى ساقلاپ بېرىش، يۆتكىۋېتىش ۋە يوشۇرۇپ بېرىش جىنايىتى

زەھەرنى، زەھەر جىنايىتىدىن بولغان ھارام پۇلنى ساقلاپ بېرىش، يۆتكىۋېتىش ۋە يوشۇرۇپ بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تاپقان پۇل - مالنى قەستەن ساقلاپ بەرگەن، يۆتكەپ بەرگەن ۋە يوشۇرۇپ بەرگەن قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم جىنايەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشتىك نورمال پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تاپقان پۇل - مالنى ساقلاپ بەرگەن، يۆتكەپ بەرگەن ۋە يوشۇرۇپ بەرگەن قىلمشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 349 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلار، جىنايەتچىلەرنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تاپقان پۇل - مېلىنى ساقلاپ، يۆتكەپ ۋە يوشۇرۇپ بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىرىنى تۇتقۇچىلار ياكى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى باشقا خادىملاردىن زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان جىنايەتچىلەرنى قوغدىغان، قانات ئاستىغا ئالغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئالدىنقى ئىككى تارماقتىك جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈۋالغانلار زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 356 - ماددا زەھەرلك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى (1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) س
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت