UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئاكسىيە ئالدامچىلىقى جىنايىتى

ئاكسىيە ئالدامچىلىقى جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان خەزىنە چېكى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا ئاكسىيىلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق قىلغان، سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبيېكت بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاكسىيىنى نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى ۋە ئومۇمنىڭ، شەخسنىڭ مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان خەزىنە چېكى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا ئاكسىيىلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 197 - ماددا ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان خەزىنە چېكىنى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا ئاكسىيىلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق قىلغانلاردىن، سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان خەزىنە چېكىنى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا ئاكسىيىلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدامىلىق قىلغانلاردىن سوممىسى 5000 يۈەندىن ئارتۇق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت