زور ئەمگەك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ۋە باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇرن كەلمەي، ئالاقىدار تارماقلار ياكى شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنمۇ يوشۇرۇن ئاپەتكە تەدبىر قوللانماي، زور تالاپەت ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ياكى باقش كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى ھەمدە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە ئومۇمنىڭ، شەخسلەرنىڭ كۆپ ساندىكى مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى يوشۇرۇن ئاپەتكە تەدبىر قوللانماي، زور تالاپەت ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بىۋاستە مەسئۇل خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
135 - ماددا زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەي، ئالاقىدار تارماقلار ياكى شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنمۇ يوشۇرۇن ئاپەتكە تەدبىر قوللىنىلماي زور تالاپەت ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، بىۋاستە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.