UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقانۇنغا خىلاپ ھالدا قەرز پۇل تارقىتىش جىنايىتى

قانۇنغا خىلاپ ھالدا قەرز پۇل تارقىتىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چۆپقەتلىرىدىن باشقىلارغا قەرز پۇل بېرىپ ئېغىر زىيان پەيدا قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ياكى ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، چۆپقەتلىرىدىن باشقا ئادەملەرگە قەرز پۇل بېرىپ ئېغىر زىيان پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 186 - ماددا 2 - تارماق، 3 - تارماق بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چۆپقەتلەردىن باشقىلارغا قەرز پۇل بېرىپ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە زور زىيان پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئۇلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. چۆپقەتلىرىنىڭ دائىرىسى <جۇڭخۇر خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا بانكىسى قانۇنى> ۋە ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە نىزاملىرى بويىچە بېكىتىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چۆپقەتلەردىن باشقىلارغا قەرز پۇل بېرىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) شەخسلەردىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا قەرز پۇل بېرىپ، 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛ 2) ئورۇنلاردىن قانۇنغا خىلاپ ھالدا قەرز پۇل بېرىپ، بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قانۇنغا خىلاپ ھالدا قەرز پۇل تارقىتىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki