UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ۋە ھەربىي خەۋەرلىشىش ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى

قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ۋە ھەربىي خەۋەرلىشىش ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قوراللىق كۈچلەر باشقۇرىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ۋە ھەربىي خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىگە ھەربىيلىك سالاھىيىتى يوق كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسى مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارى ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ ماددىي كاپالىتى، يەنى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مەنپەئەتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ۋە ھەربىي خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 369 - ماددا قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ۋە ھەربىي خەۋەرلىشىش ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، مۇھىم قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ۋە ھەربىي خەۋەرلىشىش بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت