UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتخىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى

خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت خادىملىرىنىڭ خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، جامائەتنىڭ مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى پائالىيىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىدىن ئىبارەت. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ جامائەتنىڭ مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى بۇ جىنايەتنى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلارلا شەكىللەندۈرەلەيدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە ئادەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 397 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، جامائەتنىڭ مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1) بىردىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ياكى 10 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يېنىك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 2) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياكى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 300 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن، ئەمما ۋاستىچىلىك ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ 3) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ 4) ئالاقىدار شىركەت، كارخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىشتىن توختىشى، ئېغىر زىيان تارتىشى ۋە ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 5) دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر داغ تەگكۈزگەن ياكى يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا؛ 6) تاموژنا، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، باشقىلارنىڭ ناھايىتى كۆپ تاشقى پېرېۋوتنى ئالداپ ئېلىۋېلىشىغا ياكى قاچۇرۇشىغا سەۋەبچى بولسا؛ 7( جامائەت مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان باشقا قىلمىشلار بولسا؛ 8) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى 01 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ياكى 15 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ (2) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا. 2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) يەتتىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى 15 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ياكى 30 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يېنىك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ (2) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان ئىككى مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki