UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقى جىنايىتى

مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقى جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان، سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - خەلق ئاممىسنىڭ مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە دۆلەتنىڭ نورمال پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان، سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت، (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 192 - ماددا قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغانلاردىن، سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويولىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 199 - ماددا مۇشۇ پاراگرافنىڭ 192 -، 194 - ۋە 195 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەردىن سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا ھەمدە دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. 200 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافنىڭ 192 -، 194 - ۋە 195 - ماددىلىرىد بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 187 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپيىتىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، ئالدامچىلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغان بولسا، سۈرۈشتۈرۈپ ئەيىبلىنىدۇ: 1) شەخس 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا؛ 2) ئورۇن 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا؛
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقى جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki