UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئۇچۇش بىخەتەلىكىگە زورلۇق بىلەن خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى

ئۇچۇش بىخەتەلىكىگە زورلۇق بىلەن خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئۇچۇۋاتقان ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىدىكى خادىملارغا زورلۇق ئىشلىتىش شەكلى ئارقىلىق ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇش بىخەتەرلىكى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۇچۇۋاتقان ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىدىكى ئادەملەرگە زورلۇق ئىشلىتىپ، ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 123 - ماددا ئۇچۇۋاتقان ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىلىرىدىكى خادىملارغا زورلۇق ئىشلىتىپ ئۇچۇش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت