دەل - دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى خادىملىرىدىن ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، دەل - دەرەخلەرنى تەستىقلانغان يىللىق كېسىش نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ كېسىشكە ئىجازەتنامە بېرىش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل - دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى كەلسە - كەلمەس بېرىش قىلمىشى ئېغىر بولغان، ئورماننى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئورمان كېسىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، دەل - دەرەخلەرنى تەستىقلانغان يىللىق كېسىش نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ كېسىشكە ئىجازەتنامە بېرىش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل - دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى كەلسە - كەلمەس بېرىش قىلمىشى ئېغىر بولغان، ئورماننى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى دەل - دەرەخلەرنى كېسىشكە ئىجازەتنامە بېرىش ھوقۇقى بولغان تارماقلاردىكى دۆلەت خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
407 - ماددا ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل - دەرەخلەرنى تەستىقلانغان يىللىق كېىسش نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ كېسىشكە ئىجازەتنامە بېرىش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ دەل - دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى كەلسە - كەلمەس بېرىش قىلمىشى ئېغىر بولغان ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى خادىملىرىدىن ئورماننى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
1) دەل - دەرەخلەرنى تەستىقلانغان يىللىق كېسىش نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ كېسىشكە ئىجازەتنامە بېرىپ، دەل - دەرەخلەرنى 10 كۇب مېتىردىن ئارتۇق كېسىلىشىگە سەۋەبچى بولسا؛
2) دەل - دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى كەلسە - كەلمەس بېرىپ، كېسىلگەن دەل - دەرەخلەرنىڭ 20 كۇب مېتىردىن ئارتۇق كەلسە - كەلمەس كېسىلىشىگە سەۋەبچى بولسا؛
3) دەل - دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى كەلسە - كەلمەس بېرىپ، قىممەتلىك دەل - دەرەخلەرنىڭ كەلسە - كەلمەس كېسىلىشىگە سەۋەبچى بولسا؛
4) دۆلەت كېسىشنى مەنئى قىلغان دەل - دەرەخلەرنى كېسىشنى تەستىقلاش قىلمىشى قەبىھ بولسا؛
5) باشقا ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ئورماننى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولسا.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى)
1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) دەل - دەرەخلەرنى تەستىقلانغان يىللىق كېسىش نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ كېسىشكە ئىجازەتنامە بېرىپ، دەل - دەرەخلەرنىڭ 20 كۇب مېتىردىن ئارتۇق كېسىلىشىگە سەۋەبچى بولسا؛
(2) دەل - دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى كەلسە - كەلمەس بېرىپ، دەل - دەرەخلەرنىڭ 40 كۇب مېتىردىن ئارتۇق كەلسە - كەلمەس كېسىلىشىگە سەۋەبچى بولسا؛
(3) دەل - دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى كەلسە - كەلمەس بېرىپ، قىممەتلىك دەل - دەرەخلەرنىڭ ئىككى تۈپتىن ئارتۇق ياكى ئىككى كۇب مېتىردىن ئارتۇق كەلسە - كەلمەس كېسىلىشىگە سەۋەبچى بولسا؛
(4) دۆلەت كېسىشنى مەنئى قىلغان دەل - دەرەخلەرنى كېسىشنى تەستىقلاپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا.
2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى
(1) دەل - دەرەخلەرنى يىللىق كېسىش نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ كېسىشكە ئىجازەتنامە بېرىپ، دەل - دەرەخلەرنىڭ 30 كۇب مېتىردىن ئارتۇق كېسىلىشىگە سەۋەبچى بولسا؛
(2) دەل - دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى كەلسە - كەلمەس بېرىپ، دەل - دەرەخلەرنىڭ 60 كۇب مېتىردىن ئارتۇق كېسىلىشىگە سەۋەبچى بولسا؛
(3) دەل - دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى كەلسە - كەلمەس بېرىپ، قىممەتلىك دەل - دەرەخنىڭ بەش تۈپتىن ياكى بەش كۇب مېتىردىن ئارتۇق كەلسە - كەلمەس كېسىلىشىگە سەۋەبچى بولسا؛
(4) دۆلەت كېسىشنى مەنئى قىلغان دەل - دەرەخلەرنى كېسىشنى تەستىقلاپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا.