UyghurWiki›422 جىنايەت›قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچ بويۇملار، خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئوغرىلاش ۋە تارتىۋېلىش جىنايىتى
قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچ بويۇملار، خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئوغرىلاش ۋە تارتىۋېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى، زەھەرلىك، رادىئو ئاكتىپلىق، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى يۇقتۇرغۇچى بۇيۇملارنى ئوغرىلىۋېلىپ، تارتىۋېلىپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچ بۇيۇملار ھەم خەتەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قورال - ياراغ، ئوق - دورا، پارتلاتقۇچ بۇيۇملار، خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئوغرىلىغان ياكى تارتىۋالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
127 - ماددا 1 - تارماق قورال - ياراغ، ئوق - دورا ۋە پارتلاتقۇچنى ئوغرىلىغان ۋە تارتىۋالغان ياكى زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلر، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى ئوغرىلاپ، تارتىۋېلىپ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.