UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئەتىۋارلىق ھايۋان ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى

ئەتىۋارلىق ھايۋان ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - تاموژنىغا ئائىت قانۇن - نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەەتىش ئارقىلىق ئەتىۋارلىق ھايۋان ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى چېگرادىن ئېلىپ كىرگەن، ئېلىپ چىققان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش ۋە ئەتىۋارلىق ھايۋانلار، ئەتىۋارلىق ھايۋانلاردىن ياسالغان بۇيۇملارنى قوغداش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تاموژنىغا ۋە ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنى قوغداشقا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، دۆلەت ئېكسپورت - ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن ئەتىۋارلىق ھايۋان ياكى ئەتىۋارلىق ھايۋانلاردىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئەتكەس قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 151 - ماددا 2 - تارماق، 4 - تارماق، 5 - تارماق دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا قىممەتلىك مېتال ياكى دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان ئەتىۋارلىق ھايۋان ۋە ئونىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 1 -، 2 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ ماددىنىڭ تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 115 - ماددا، 156 - ماددا ۋە 157 - ماددا 2 - تارماق قاتارلىق مەزمۇنلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 78 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ. مەزكۇر كىتابنىڭ 438 - بېتىدىكى <ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش جىنايىتى> نىڭ ئاخىرقى گرافىكتىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت