گۇۋاھچىلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - تەھدىت سېلىش، ھاقارەتلەش، ئۇرۇش، ئۆچ ئېلىپ زەربە بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن گۇۋاھچىلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي، دېموكراتىيە، مال - مۈلۈك ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى گۇۋاھچىلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. <گۇۋاھچى> دېگەندە، جىنايى ئىشلار دەۋاسى، ھەق تەلەپ ئىشلار دەۋاسى ۋە مەمۇرىي ئىشلار دەۋاسىدىكى گۇۋاھچىلارنى كۆرسىتىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە بىۋاستە قەستەنلىكتىن بولغان، يەنى گۇۋاھچىلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
308 - ماددا گۇۋاھچىلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى
49 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى گۇۋاھچىنىڭ ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.
گۇۋاھچىنى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنى تەھدىت سېلىپ، ھاقارەتلەپ، ئۇرۇپ ياكى زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ قىلمىشى جىنايى جازا بېرىشكە توشمىغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىقنى باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.