UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتشەھۋانىي بۇيۇم ئىشلەش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، نەشىر قىلىش، ئېلىپ - سېتىش ۋە تارقىتىش ئارقىلىق پايدا تېپىش جىنايىتى

شەھۋانىي بۇيۇم ئىشلەش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، نەشىر قىلىش، ئېلىپ - سېتىش ۋە تارقىتىش ئارقىلىق پايدا تېپىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - شەخسلەر ياكى ئورۇنلارنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە شەھۋانىي بۇيۇملارنى ئىشلەش، ئېلىپ - سېتىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بازارلارنى باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق كەيپىياتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى شەھۋانىي بۇيۇملارنى ئىشلەش، ئېلىپ - سېتىش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولۇپ، تەبىئىي ئادەم ۋە ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى شەرت. 363 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە شەھۋانىي بۇيۇملارنى ئىشلىگەن، كۆپەيتىپ ئىشلىگەن، نەشر قىلغان، ئېلىپ - ساتقان ۋە تارقاتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ شەھۋانىي كىتاب - ژۇرناللارنى نەشر قىلىش ئۈچۈن كىتاب نومۇرى بەرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كىتاب نومۇرى بەرگەنلەر ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ. 366 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 363 -، 364 -، 365 - ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 367 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان شەھۋانىي بۇيۇملار جىنسىي ھەرىكەت كونكرېت تەسۋىرلەنگەن ياكى ئىشقىۋازلىق قىپيالىڭاچ تەرغىپ قىلىنغان، بۇزۇقچىلىقنى ئۆگىتىدىغان كىتاب - ژۇرنال، كىنو فىلىمى، سىنئالغۇ - ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سۈرەت ۋە باشقا شەھۋانىي بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم فىزىئولوگىيىسى، تېببىي بىلىمگە ئائىت ئىلمىي ئەسەرلەر شەھۋانىي بۇيۇم ھېسابلانمايدۇ. ئىشقىۋازلىق مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەدىئىي قىممەتكە ئىگە ئەدەبىي، بەدىئىي ئەسەرلەر شەھۋانىي بۇيۇم ھېسابلانمايدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (1998 - يىل 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى) 8 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 363 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا شەھۋانىي بۇيۇم ئىشلەپ، كۆپەيتىپ، نەشر قىلىپ، ئېلىپ - سېتىپ، تارقىتىپ پايدا ئالغانلارنى پايدا ئېلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ؛ (1) شەھۋانىي كىنو پلاستىنكىسى، يۇمشاق دېتال، سىنئالغۇ لېنتىسىدىن 50 - 100 دانە (قاپ) دىن ئارتۇق، شەھۋانىي ئۈن پلاستىنكىسى، ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىن 100 - 200 دانە (قاپ) دىن ئارتۇق، شەھۋانىي قەرت، كىتاب - ژۇرنال، رەسىملەر توپلىمىدىن 100 - 220 قاپ (پارچە) دىن ئارتۇق، شەھۋانىي سۈرەت، رەسىمدىن 500 - 1000 پارچىدىن ئارتۇق ئىشلىگەن، كۆپەيتىپ ئىشلىگەن، نەشر قىلغان بولسا؛ (2) شەھۋانىي كىنو پلاستىنكىسى، يۇمشاق دېتال سىنئالغۇ لېنتىسىدىن 100 - 200 دانە (قاپ) دىن ئارتۇق، شەھۋانىي ئۈن پلاستىنكىسى، ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىن 200 - 400 دانە (قاپ) دىن ئارتۇق، شەھۋانىي قەرت، كىتاب - ژۇرنال، رەسىملەر توپلىمىدىن 200 - 400 - قاپ (پارچە) دىن ئارتۇق، شەھۋانىي سۈرەت - رەسىمدىن 1000 - 2000 پارچىدىن ئارتۇق ئېلىپ ساتقان بولسا؛ (3) باشقىلارغا 200 - 500 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق شەھۋانىي بۇيۇم تارقاتقان ياكى 10 - 20 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق شەھۋانىي كىنو - سىنئالغۇ قويۇشنى تەشكىللىگەن بولسا؛ (4) شەھۋانىي بۇيۇم ئىشلەپ، كۆپەيتىپ، نەشر قىلىپ، ئېلىپ - سېتىپ، تارقىتىپ 5000 - 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالغان بولسا. پايدا تېپىش مەقسىتىدە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 363 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلاردىن تۆۋەندىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى شەھۋانىي بۇيۇم ئىشلەپ، كۆپەيتىپ، نەشر قىلىپ، ئېلىپ - سېتىپ، تارقىتىپ پايدا ئېلىش جىنايىتىدە <قىلمىشى ئېغىر> دەپ بېكىتىش كېرەك؛ (1) شەھۋانىي كىنو پلاستىنكىسى، يۇمشاق دېتال، سىنئالغۇ لېنتىسىدىن 250 - 500 پارچە (قاپ) دىن ئارتۇق، شەھۋانىي ئۈن پلاستىنكىسى، ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىن 500 - 1000 پارچە (قاپ) دىن ئارتۇق، شەھۋانىي قارت، كىتاب - ژۇرنال، رەسىملەر توپلىمىدىن 500 - 1000 پارچە (توپلام) دىن ئارتۇق، شەھۋانىي رەسىم - سۈرەتتىن 2500 - 5000 پارچىدىن ئارتۇق ئىشلىگەن، كۆپەيتكەن، نەشر قىلغان بولسا؛ (2) شەھۋانىي كىنو پلاستىنكىسى، يۇمشاق دېتال، سىنئالغۇ لېنتىسىدىن 500 - 1000 پارچە (قاپ) دىن ئارتۇق، شەھۋانىي ئۈن پلاستىنكىسى، ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىن 1000 - 2000 پارچە (قاپ) دىن ئارتۇق، شەھۋانىي قەرت، كىتاب - ژۇرنال، رەسىملەر توپلىمىدىن 1000 - 0020 پارچە (توپلام) دىن ئارتۇق، شەھۋانىي رەسىم، سۈرەتتىن 5000 - 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئېلىپ ساتقان بولسا؛ (3) باشقىلارغا 1000 - 2000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق شەھۋانىي بۇيۇم تارقاتقان ياكى 50 - 100 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق شەھۋانىي كىنو فىلىمى، سىنئالغۇ قويۇشنى تەشكىللىگەن بولسا؛ (4) شەھۋانىي بۇيۇم ئىشلەپ، كۆپەيتىپ، نەشر قىلىپ، ئېلىپ - سېتىپ، تارقىتىپ 30 - 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالغان بولسا. پايدا تېپىش مەقسىتىدە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 363 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلاردىن مىقدارى (سوممىسى) ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مىقدار (سومما) نىڭ بەش ھەسسىسىدىن ئارتۇق بولغانلرنى شەھۋانىي بۇيۇم ئىشلەپ، كۆپەيتىپ، نەشر قىلىپ، ئېلىپ - سېتىپ، تارقىتىپ پايدا ئېلىش جىنايىتىدە <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> دەپ بېكىتىش كېرەك. 9 - ماددا شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلغۇچىلارنى كىتاب - ژۇرنال نومۇرى بىلەن تەمىن ئەتكەنلەرگە جىنايى ئىشلر قانۇنىنىڭ 363 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلغۇچىلارنى كىتاب نومۇرى بىلەن تەمىن ئېتىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك. شەھۋانىي ئۈن - سىن بۇيۇمى نەشر قىلغۇچىلارنى نەشر نومۇرى بىلەن تەمىن ئەتكەنلەرنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك. باشقىلارنىڭ شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال نەشر قىلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، كىتاب - ژۇرنال نومۇرى بىلەن تەمىن ئەتكەنلەرنى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 363 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، شەھۋانىي بۇيۇم نەشر قىلىپ پايدا ئېلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك. 16 - ماددا نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارغا شۇ نەشرىيات ئورنىنىڭ نامى، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، نەشر نومۇرىنى سېتىپ، ئىجارىگە بېرىپ ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 2 -، 4 -، 8 -، 9 -، 10 -، 11 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرۈشىگە سەۋەبچى بولغانلارنى ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 17 - ماددا بۇ ئىزاھاتتا ئېيتىلغان <تىجارەت سوممىسى> قانۇنسىز نەشر بۇيۇمىنىڭ باھاسى بىلەن قىلمىش سادىر قىلغۇچى تىجارەت قىلغان قانۇنسىز بۇيۇمى تاپاۋەت سوممىسىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىزاھاتتا ئېيتىلغان <قانۇنسىز تاپاۋەت سوممىسى> پايدا سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ. قانۇنسىز نەشر بۇيۇمىنىڭ باھاسى بولمىسا ياكى چەت ئەل پۇلى باھاسى بولسا، ئۇنىڭ باھا سوممىسىنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئەمەلىي ساتقان باھا بويىچە بېكىتىش كېرەك. 18 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەۋالىغا ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 8 -، 10 -، 12 -، 13 - ماددىسىدىكى ئالاقىدار سومما، مىقدار ئۆلچىمىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە، ئۆز جايىنىڭ ئىجرا قىلىدىغان كونكرېت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
شەھۋانىي بۇيۇم ئىشلەش، كۆپەيتىپ ئىشلەش، نەشىر قىلىش، ئېلىپ - سېتىش ۋە تارقىتىش ئارقىلىق پايدا تېپىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki