يۇقىرى ئۆسۈمدە قەرز بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئۆزى ئالغان كرېدىت مەبلىغىنى باشقىلارغا بېرىپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، پايدا تېپىش مەقسىتىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ كرېدىت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ باشقىلارغا يۇقىرى ئۆسۈمدە قەرز بەرگەن، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - نورمال پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كرېدىت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، باشقىلارغا قەرز بېرىپ پايدىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان، قانۇنسىز تاپاۋەت سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
175 - ماددا ئۆزى ئالغان كرېدىت مەبلىغىنى باشقىلارغا بېرىپ، پايدا تېپىش مەقسىتىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ كرېدىت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ باشقىلارغا يۇقىرى ئۆسۈمدە قەرز بەرگەنلەردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
ئۆزى ئالغان كرېدىت مەبلىغىنى باشقىلارغا بېرىپ، پايدا تېپىش مەقسىتىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ كرېدىت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ باشقىلارغا يۇقىرى ئۆسۈمدە قەرز بەرگەنلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1( شەخسلەرگە يۇقىرى ئۆسۈمدە قەرز بېرىپ، ئېرىشكەن قانۇنسىز تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار؛
2) ئورۇنلارغا يۇقىرى ئۆسۈمدە قەرز بېرىپ، ئېرىشكەن قانۇنسىز تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغانلار؛
3( يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى ئۆسۈمدە قەرز بېرىپ، ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، يەنە يۇقىرى ئۆسۈمدە قەرز بەرگەنلەر.